ئېتىقادچىلار گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1: 5-2: 2

[5] بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.‏ [6] ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.‏ [7] شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.‏ [8] گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.‏ [9] گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ.‏ ¹⁰ [10] گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. ¹ [1] ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ.‏ ² [2] ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00