خۇدا ئېتىقادچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەندەك ئېتىقادچىلارمۇ باشقىلارنى كەچۈردۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئىنجىل 18: 21-35

²¹ [21] بۇ چاغدا، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئى رەببىم، قېرىندىشىمنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ _ دېدى. ‏ ²² [22] ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ بىلىپ قويغىنكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم. ‏ ²³ [23] دېمەك، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. ‏ ²⁴ [24] پادىشاھ ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا مىليونلىغان كۈمۈش تەڭگە قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. ‏ ²⁵ [25] چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ. ‏ ²⁶ [26] چاكار يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ، خوجايىنى پادىشاھقا: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ‏ ²⁷ [27] خوجايىنىنىڭ چاكارغا ئىچى ئاغرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ. ‏ ²⁸ [28] لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ. ‏ ²⁹ [29] بۇ چاكارمۇ يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. ‏ ³⁰ [30] لېكىن، باشتىكى چاكار بۇنى رەت قىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ. ‏ ³¹ [31] بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئىچى ئىنتايىن ئاغرىغان باشقا چاكارلار خوجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر خەۋەر قىپتۇ. ‏ ³² [32] بۇنىڭ بىلەن، خوجايىن چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي يامان چاكار، ماڭا يالۋۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنى كەچۈردۈم. ‏ ³³ [33] مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ. ‏ ³⁴ [34] بۇنىڭ بىلەن، غەزەپلەنگەن خوجايىن ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلىگۈچە زىنداندا ياتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋەھشىي گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ‏ ³⁵ [35] شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەممىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن خۇدانىڭ يولىدا مېڭىش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00