⁸ [8] پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار! ⁹ [9] خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە. ¹⁰ [10] ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ. ¹¹ [11] تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە. ¹² [12] ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى، ¹³ [13] ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى. ¹⁴ [14] ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر. ¹⁵ [15] ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر. ¹⁶ [16] پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى. ¹⁷ [17] ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ¹⁸ [18] «كەنئان زېمىنى سېنىڭ ئۈلۈشۈڭدۇر، ئۇ ساڭا تەئەللۇق مۈلۈكدۇر.» ¹⁹ [19] ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى. ²⁰ [20] ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى. ²¹ [21] خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ²² [22] «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.» ²³ [23] ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى. ²⁴ [24] تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا. ²⁵ [25] ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە. ²⁶ [26] پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى. ²⁷ [27] ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى. ²⁸ [28] تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى. ²⁹ [29] -30 پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار، بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر. ³⁰ [31] شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.» ³¹ [32] تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار. ³² [33] ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار، چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا. ³³ [34] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. ³⁴ [35] يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئى نىجاتكار بولغان خۇدايىمىز، قۇتقۇزغىن بىزنى، يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.» ³⁵ [36] مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ³⁶ [37] داۋۇت، ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا داۋاملىق خىزمەتتە بولۇش ۋەزىپىسىگە قالدۇرۇپ قويدى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00