¹ [1] شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن. ² [2] شۇڭا، ئون ئىككى ئەلچى پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىز ئەلچىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا ئەمەس. ³ [3] شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن. ⁴ [4] بىز بولساق ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى. ⁵ [5] ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ، ⁶ [6] ئۇلارنى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. ئەلچىلەر ئۇلارنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەش ئۈچۈن، قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتى. ⁷ [7] خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.ئىستىپاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00