²³ [23] پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. ²⁴ [24] ئېتىقادچىلار بۇنى ئاڭلىغاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى ئىگىمىز، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ئۆزۈڭ. ²⁵ [25] سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئەجدادىمىز پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «نېمە ئۈچۈن كاپىرلار خۇدادىن غەزەپلىنىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست قىلىدىغاندۇ؟ ²⁶ [26] دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، خۇدا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچىسىغا قارشى جەم بولۇشتى.» ²⁷ [27] دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى. ²⁸ [28] ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ²⁹ [29] ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن. ³⁰ [30] ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن. ³¹ [31] ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.ئېتىقادچىلارنىڭ پۇل-ماللىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشى
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00