ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر-بىرى ئ‍ۈچۈن دۇئا قىلىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ياقۇپ يازغان خەت 5: 13-20

¹³ [14] ئاغرىق-سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن.‏ ¹⁴ [15] رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.‏ ¹⁵ [16] شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.‏ ¹⁶ [17] ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى.‏ ¹⁷ [18] كېيىن، قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى. ‏ ¹⁸ [19] قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى بولسا، ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە تىرىشىڭلار.‏ ¹⁹ [20] شۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھكار كىشىنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم شۇ كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00