ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى مەرت بىلەن بېرىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى 4: 32-37

³² [32] ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى. ‏ ³³ [33] ئەلچىلەر خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مول بەخت ئاتا قىلغانىدى. ‏ ³⁴ [34] ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى، بەزىلەر يەر-زېمىنى، ئۆي-جايىنى سېتىپ، ‏ ³⁵ [35] پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇراتتى. ئەلچىلەر پۇلنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلاتتى. ‏ ³⁶ [36] مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى. ‏ ³⁷ [37] ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى.

كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8: 1-15

¹ [1] قېرىنداشلار، سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىدە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدا ئېيتماقچىمىز. ‏ ² [2] ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۈشكۈل كۈلپەتلەر ئارقىلىق قاتتىق سىنالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمبەغەللىكىگە قارىماي، قولى ئوچۇقلۇق ۋە مەردلىك قىلدى. ‏ ³ [3] ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ‏ [4] ئۇلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلىنىدىغان ياردەمگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى بىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراشتى. ‏ [5] بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكىنىمىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتىدى، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزگە ئاتىدى. ‏ [6] تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىشنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق. ‏ [7] سىلەر ھەممە ئىشتا _ ئېتىقاد يولىدا، سۆز قابىلىيىتىدە، خۇدا ھەققىدىكى بىلىم ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بولغان قىزغىنلىقتا ۋە بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغاندەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار. ‏ [8] بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن. ‏ [9] رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى. ‏ ¹⁰ [10] مەن سىلەرگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بېرەي. سىلەر ئۆتكەن يىلى پەقەت ئىئانە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئىختىيار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدۇڭلار. ‏ ¹¹ [11] ئەمدى بۇ خىزمەتنىڭ ئايىغىنى چىقىرىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەسلەپتە پىلانلىغان ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىزغىنلىق بىلەن تاماملاڭلار ھەمدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادى يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. ‏ ¹² [12] بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ‏ ¹³ [13] باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار، دېگىنىم يوق. ئەكسىچە، ئىككىلا تەرەپتە باراۋەرلىك بولسۇن دەيمەن. ‏ ¹⁴ [14] سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ. مانا شۇنداق بولغاندا، باراۋەرلىك بولغان بولىدۇ. ‏ ¹⁵ [15] خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى.»تىتۇس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00