¹ [1] ھانانىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سەپىرە بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. ² [2] ھانانىيا بىر قىسىم پۇلنى ئۆزىگە قالدۇردى. ئاشقان پۇلنى، «يېرىمىزنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇ» دەپ، ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. ³ [3] پېترۇس ئۇنىڭغا: _ ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟ ⁴ [4] يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! _ دېدى. ⁵ [5] ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى. ⁶ [6] ياشلاردىن بىرنەچچىسى كىرىپ، جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. ⁷ [7] تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ھانانىيانىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى. بىراق، ئۇ بولغان ۋەقەدىن تېخى خەۋەر تاپمىغانىدى. ⁸ [8] پېترۇس ئۇنىڭدىن: _ ماڭا ئېيتىڭ، سىلەر يەر ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، ھەممىسى شۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ⁹ [9] پېترۇس: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! _ دېدى. ¹⁰ [10] ئۇمۇ شۇئان پېترۇسنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياشلار كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. ¹¹ [11] پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.ئەلچىلەر ياراتقان مۆجىزىلەر
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00