ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى گۇناھقا سەل قارىمايدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئىنجىل 18: 15-17

¹⁵ [15] _ ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەر. ھەرقانداق ئىش ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالغان بولىسەن. ‏ ¹⁶ [16] لېكىن ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. ھەممە ئىشتا ئىككى-ئۈچ ئادەم گۇۋاھچى بولسۇن. ‏ ¹⁷ [17] ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۇقتۇرۇپ قوي. ئەگەر ئۇلارنىڭكىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئۇنى بۇتپەرەس ياكى ئىنساپسىز باجگىر قاتارىدا كۆر. ‏

كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5: 1-13

¹ [1] مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ! ‏ ² [2] شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئېتىقادىمىز كامالەتكە يەتتى، دەپ ماختىنىپ يۈرىسىلەر. سىلەر بۇ ئىشقا قاتتىق قايغۇرۇپ، بۇنداق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ‏ ³ [3] مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم. ‏ [4] شۇڭا، سىلەر ھەممە ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېنىمۇ سىلەر بىلەن بىللە دەپ قاراپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ‏ [5] ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن. ‏ [6] سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟ ‏ [7] شۇڭا، جامائەتچىلىكنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن، بۇنداق گۇناھكارنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. سىلەر ئاللىبۇرۇن پاكلانغانسىلەر. چۈنكى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى بولغان ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. ‏ [8] شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى. ‏ [9] ئالدىنقى خېتىمدە سىلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا يازغانىدىم. ‏ ¹⁰ [10] شۈبھىسىزكى، مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىسىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىزلار، ئاچكۆزلۈكلەر، ئالدامچىلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسام، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار. ‏ ¹¹ [11] لېكىن، ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى يازدىم. ‏ ¹² [12] -13 چۈنكى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلەرنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ نېمە ھوقۇقىمىز بار؟ ئۇلارنى خۇدا ئۆزى سوراق قىلىدۇ. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزالىرىنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز بار. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار.»

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00