³¹ [31] _ ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. ³² [32] -33 پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغان قويچىدەك ئايرىيدۇ. ³³ [34] ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس _ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! ³⁴ [35] چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، ³⁵ [36] يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ. ³⁶ [37] ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز سىزنى قاچان ئاچ كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ سۇ بەردۇق؟ ³⁷ [38] سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ ³⁸ [39] سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. ³⁹ [40] بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ⁴⁰ [41] ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار! ⁴¹ [42] چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، ⁴² [43] مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. ⁴³ [44] ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. ⁴⁴ [45] بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلمىغاننى ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ⁴⁵ [46] بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00