ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى خىزمەتچىلەرنى يوللايدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى 13: 1-4

¹ [1] ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.‏ ² [2] بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: _ بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، _ دېدى. ‏ ³ [3] شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. بارنابا بىلەن سائۇل سىپرۇستا ‏ [4] مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى.‏

رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15: 16-21

¹⁶ [16] خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ‏ ¹⁷ [17] شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن.‏ ¹⁸ [18] ‏-19 يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم. ‏ ¹⁹ [20] باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم.‏ ²⁰ [21] بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدادىن خەۋەرسىزلەر ئۇنى تونۇيدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.» پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى ‏ ²¹ [22] يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00