¹⁹ [19] يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ²⁰ [20] يەھيا پەيغەمبەر ئىككىلەنمەستىن: _ مەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمەسمەن، _ دەپ ئېنىق جاۋاب بەردى. ²¹ [21] ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، _ دېدى ئۇ. _ ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە: _ ياق! _ دەپ رەت قىلدى. ²² [22] ئاخىردا، ئۇلار: _ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە ئېيتقۇدەك بىر جاۋاب بەرگىن. ئېيتقىنا. سەن قانداق ئادەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. ²³ [23] يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: _ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن! ²⁴ [24] -25 يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەن بەزى پەرىسىيلەرمۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن يا قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، يا ئىلياس ياكى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمىشقا كىشىلەرنى خۇدانىڭ يولىغا چاقىرىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ _ دەپ سورىدى. ²⁵ [26] يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار. ²⁶ [27] ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ²⁷ [28] مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. خۇدانىڭ قوزىسى ²⁸ [29] ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! ²⁹ [30] مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر! ³⁰ [31] مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. ³¹ [32] يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: _ مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. ³² [33] مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى. ³³ [34] ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى ³⁴ [35] ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ئىككى شاگىرتى بىلەن يەنە شۇ يەردە ئىدى. ³⁵ [36] ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: _ قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! _ دېدى. ³⁶ [37] بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. ³⁷ [38] ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن: _ نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ _ دېدى.
²⁶ [27] يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: _ خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ²⁷ [28] مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر. ²⁸ [29] قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. ²⁹ [30] ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈشى، مېنىڭ بولسا تۆۋەنلىشى كېرەك. ³⁰ [31] ئۇ ئەرشتىن كەلگۈچى بولۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. مەن بولسام بۇ دۇنيادىن كەلگۈچى، شۇڭا قىلىدىغان سۆزلىرىممۇ بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ،
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00