¹⁸ [19] مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.» ¹⁹ [20] ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ²⁰ [21] چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر. ²¹ [22] يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ. ²² [23] شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ. ²³ [24] ھالبۇكى، مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقى، دەپ بىلىدۇ. ²⁴ [25] چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر. ²⁵ [26] قېرىنداشلار، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كۆرۈڭلار. كۆپچىلىكىڭلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئاقىللار، كۈچلۈكلەر ياكى ئاقسۆڭەكلەردىن ئەمەس ئىدىڭلار. ²⁶ [27] لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى. ²⁷ [28] خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى. ²⁸ [29] بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ «مەن تاللىنىشقا ئەرزىيمەن» دەپ ماختىنالماسلىقىدۇر. ²⁹ [30] سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. ³⁰ [31] شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00