يېتەكچىلەر ياخشى ۋە ئىشەنچلىك خىزمەتچىلەردۇر

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ئىنجىل 25: 14-30

¹⁴ [14] _ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چاكارلىرىنى چاقىرىپ بايلىقىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپتۇ.‏ ¹⁵ [15] ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ.‏ ¹⁶ [16] بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.‏ ¹⁷ [17] ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.‏ ¹⁸ [18] مىڭ تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان پۇلنى كۆمۈپ ساقلاپ قويۇپتۇ. ‏ ¹⁹ [19] ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ خوجايىنى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىشقا باشلاپتۇ.‏ ²⁰ [20] بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار يەنە بەش مىڭ تەڭگە قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا بەش مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ.‏ ²¹ [21] خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.‏ ²² [22] ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغان چاكارمۇ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ.‏ ²³ [23] خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ. ‏ ²⁴ [24] ئاندىن، مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار كېلىپ: «خوجايىن، سىزنىڭ قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز؛ ئۇرۇق سالمىسىڭىزمۇ، خامان ئالىسىز.‏ ²⁵ [25] شۇڭا، قورقۇپ، سىز بەرگەن تەڭگىنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاپ قويغانىدىم. مانا پۇلىڭىز» دەپتۇ.‏ ²⁶ [26] خوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەي، يامان ۋە ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق سالمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم، دەپ تۇرۇپ،‏ ²⁷ [27] نېمىشقا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويمىدىڭ. شۇنداق قىلساڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالمامتىم؟‏ ²⁸ [28] خوپ، ئۇنىڭ قولىدىكى مىڭ تەڭگىنى ئېلىپ، ئون مىڭ تەڭگە بار چاكارغا بېرىڭلار!‏ ²⁹ [29] چۈنكى، بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارن ڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.‏ ³⁰ [30] بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتقا، قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسۇن» دەپتۇ. ئاخىرەتتىكى سوراق ‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00