يېتەكچىلەر خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىدۇ

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22: 54-62

⁵⁴ [54] قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى.‏ ⁵⁵ [55] ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.‏ ⁵⁶ [56] ئۇنىڭ ئىسسىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: _ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىر! _ دېدى. ‏ ⁵⁷ [57] _ ياق! مەن ئۇنى تونۇمايمەن! _ دەپ تاندى پېترۇس. ‏ ⁵⁸ [58] ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى تونۇپ قېلىپ: _ سەنمۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ! _ دېدى. _ قارا سېنى، مەن ئۇلار بىلەن بىر ئەمەس! _ دېدى پېترۇس. ‏ ⁵⁹ [59] بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم: _ شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىر. تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ؟! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ‏ ⁶⁰ [60] لېكىن، پېترۇس: _ قارا بۇنى، نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسەن! _ دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا خوراز چىللىدى.‏ ⁶¹ [61] رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ،‏ ⁶² [62] تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىشى ‏

يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21: 13-17

¹³ [13] ھەزرىتى ئەيسا نان بىلەن بېلىقنى ئەكېلىپ ئۇلارغا بەردى.‏ ¹⁴ [14] مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇس بىلەن سۆزلىشىشى ‏ ¹⁵ [15] تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن: _ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! _ دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! _ دېدى. ‏ ¹⁶ [16] ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: _ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: _ شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، _ دېدى. ‏ ¹⁷ [17] ئۈچىنچى قېتىم يەنە: _ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ: _ رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: _ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00