¹³ [13] ئەتىسى مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. ¹⁴ [14] بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو ئۇنىڭغا: _ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ يوليورۇق بېرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلساڭ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ _ دېدى. ¹⁵ [15] مۇسا ئۇنىڭغا: _ خەلق مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ. ¹⁶ [16] ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. ¹⁷ [17] قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. ¹⁸ [18] بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن. ¹⁹ [19] مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدانىڭ ساڭا يار بولۇشىنى تىلەيمەن. سەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خەلققە ۋاكالىتەن خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلغىن. ²⁰ [20] خۇدانىڭ قانۇن ۋە يوليورۇقلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىن. ²¹ [21] خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. ²² [22] ئاندىن خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇلارغا تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق ماجىرالارنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ. ²³ [23] ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى. ²⁴ [24] مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. ²⁵ [25] ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. ²⁶ [26] ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئۇلار كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق ماجىرالار بولسا مۇسادىن يوليورۇق سوراشتى. ²⁷ [27] كېيىن مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئىجازەت بەردى، يېترو ئۆز يۇرتىغا قايتتى.
©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org
0:00
0:00