يېتەكچىلەرنىڭ ئېتىقادى ۋە چىدامچانلىقى بار

ئەھۋالىشىش

ئاخىرقى يىغىلىشتىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلاردا بىز نېمىدىن مىننەتدارمىز؟ نېمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشايلى.
بۇ ھەپتە نېمە ئىشلار بىزگە بېسىم سالدى؟ ئەھۋلىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دەپ ئويلايمىز؟
تونۇشلىرىمىزنىڭ ياكى مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىلىرى نېمە؟ بىز بۇ ئېھتىياجلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئوقۇغان ئايەتلەر نېمە ھەققىدە ئىدى؟ بىز خۇدا ۋە ئ‍ىنسانلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتلىرىمىزغا ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچى ئىدۇق. نېمە ئىش-ھەرىكەت قىلدۇق؟ قانداق بولدى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدىكى ئايەتلەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشتۇق؟ ئۇلار قانداق ئىپادە كۆرسەتتى؟
ئاخىرقى يىغىلىشىمىزدا بىز بەزى ئېھتىياجلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ئۇلارنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئۇ ئىشلار قانداق بولدى؟
ئەمدى، بۈگۈنكى ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتاپتىن ئوقۇيلى ...

ياقۇپ يازغان خەت 1: 2-18

² [2] قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار.‏ ³ [3] چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر.‏ [4] شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر.‏ [5] ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.‏ [6] بىراق، ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ.‏ [7] ‏-8 بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن، دەپ ئويلىمىسۇن. نامراتلىق ۋە بايلىق ‏ [9] ‏-10 نامرات ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن. باي ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى كەمتەر تۇتقۇزغانلىقىدىن خۇشال بولسۇن. چۈنكى ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى خۇددى ياۋا ئوت-چۆپلەردىكى چېچەكلەردەك تېز ئاخىرلىشىدۇ.‏ [11] كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش ‏ ¹⁰ [12] سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.‏ ¹¹ [13] ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.‏ ¹² [14] كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ.‏ ¹³ [15] بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ‏ ¹⁴ [16] شۇڭا قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار!‏ ¹⁵ [17] ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.‏ ¹⁶ [18] خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش ‏ ¹⁷ [19] قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.‏ ¹⁸ [20] چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.‏

©, 2010, 2011, UMKJ www.umkj.org ℗ 2010, 2016, 2020 UMKJ www.umkj.org

ھەرىكەت

ئەمدى، ئارىمىزدىن بىركىشى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ھەممىمىزگە قايتا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى خاتالىشىپ قالسا ئۇلارغا ياردەم بېرەيلى.
بۇ ئايەتلەردىن خۇدا ھەققىدە، ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن ئىنسانلار ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
بۇ ئايەتلەردىن يېتەكچى بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟
كىيىنكى ھەپتە بۇ ئايەتلەردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ھاياتىمىزغا قانداق ئ‍ۆزلەشتۈرمەكچىمىز؟ بىز قىلالايدىغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەت بارمۇ؟
بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى ئايەتلەردىن كىم بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى ئورتاقلاشماچىمىز؟
يىغىلىشىمىز ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، بىز يەنە قاچان يىغىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە كېيىنكى يىغىلىشىمىزنى كىمنىڭ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتەيلى.
بىز قىلماقچى بولغان كونكرېت ئىش-ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەيلى. بىز قايتا يىغىلىشتىن بۇرۇن بۈگۈن ئوقۇغان ئايەتلەرنى تەكرار ئوقۇپ چىقايلى. بۈگۈنكى رىياسەتچى ئايەتلەر ۋە ئاۋازنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئىلتىجا قىلايلى.

0:00

0:00